ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى - ئەركىنلىك سارىيى، پەيشەنبە كۈنى دۇنيادىكى ئەڭ مۇشتۇمزور دۆلەتلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينى 2 - دەرىجىلىك مۇشتۇمزور دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزدى.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەركىنلىك سارىيى بېرما، شىمالىي كورىيە، كۇبا،لىۋىيە، سۇدان ۋە سۈرىيىلەرنى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇشتۇمزور دۆلەتلەر، دەپ قارىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سەئۇدى ئەرەبىستان، بلۇرۇسىيە، لائوس، سومالى ۋە زىمبابۇۋىلار 1 - دەرىجىلىك مۇشتۇمزور دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مۇشتۇمزور دۆلەتلەرنىڭ ئۆلچىمى، بۇ دۆلەتلەردە ھۆكۈمەت ھەممە نەرسىنى كونترول قىلىدىغان، مۇستەقىل تەشكىلاتلار ياكى ئۆكتىچى كۈچلەر ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چەكلىنىدىغان ۋە باستۇرۇلىدىغان، كىشىلەر ئەركىن ئويلاشقا ۋە ئويلىغانلىرىنى ئىپادىلەشكە جۈرئەر قىلالمايدىغان، پۇقرالار ھۆكۈمەتنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ ياشايدىغان جەمئىيەتلەر ئىكەن. (ئەركىن)
