كېلەر يىلى خىتاي بىلەن يېڭى بىر ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق ئۈچۈن سۆھبەت باشلاش توغرىسىدا قارار بېرىش ئالدىدا تۇرغان ياۋروپا ئىتتىپاقى، دۈشەنبە كۈنى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا جىددىي قايغۇسىنى ئىپادىلىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى شۇنداقلا خىتايغا قارىتىلغان قورال ئىمباگوسىنىڭ بىكار قىلىنىشى ئۈچۈن ئوتتۇرا قويۇلغا شەرتلەردىن ۋازكەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ بىريۇسىلدا ئۆتكۈزگەن يېغىنىدا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىقتسادىي جەھەتتەكى ھوقۇقىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتىنى ھەمدە ئەدلىيە سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئۇلار كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە قايغۇلىرىنىڭ داۋاملىشىدىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىئەپ، خىتايدا مەتبۇئات ئەركىنلىكى، سۆز ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش مەيدانغا كەلمىگەنلىكىنى ھەمدە ئازسانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان بېسىمنىڭ ھەمدە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 25 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن خەلقئارا ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھوقۇقلار كېلىشىمىنى تېزدىن ئىمزالاشقا چاقىرغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى شۇنداقلا 1989- يىلى يۈز بەرگەن تيەن ئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ باستۇرۇلۇشىدىن كېيىن خىتايغا قارىتا يولغا قويۇلغان قورال ئىمبارگوسىنىڭ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيتىدە ئۆزگىرىش مەيدانغا كەلمىگىچە، بىكار قىلىنمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا يېڭى ۋە كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىق قۇرۇش توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەتلەر، يانۋار ئىيىدا باشلايدىكەن. (قانات)