كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزۈتۈش تەشكىلاتى: خىتاي ئولىمپىك جەريانىدا ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قويۇۋېتىش ۋەدىسىدە تۇرمىدى

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزۈتۈش تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن،چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئەركىن خەۋەر بېرىشىگە يول قويۇش توغرىسىدىكى ۋەدىسىدە تۇرمىدى شۇنداقلا خىتاي مۇخبىرلىرىنى بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك ئاخبارات ئەركىنلىكىدىن داۋاملىق مەھرۇم قىلماقتا، دەپ ئەيىپلىدى.

باياناتتا، خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى مەتبۇئاتلار ئۇزۇندىن بېرى تۈزۈلمە خاراكتېرلىك تەكشۈرۈش ۋە زەربىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئەمدى ئىلگىرلەپ تەقىبكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ۋە مۇخبىرلارغا خەۋەر بەرگۈچىلەر يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئۆچ ئېلىشىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزۈتۈش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى سوفېي رېچاردسون، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى بوغۇدىغان بۇ خىل خالىغانچە چەكلىمە، ئەسلىدىنلا كىشىلەردە ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرا قىلىش سەمىمىيىتى گۇمان قوزغاۋاتقان مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئاخبارات ئەركىنلىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، دەپ كۆرسەتتى.

رېچاردسوننىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتايدا چەتئەللىك مۇخبىرلار بەھرىمان بولىۋاتقان چەكلىك ئاخبارات ئەركىنلىكىدىن، خىتاي مۇخبىرلىرى بەھرىمان بولالماي كەلمەكتە. رېچاردسون، بۇ ئەھۋالنى پۈتۈنلەي يولسىزلىق ، دەپ كۆرسەتتى شۇنداقلا ئەگەر خىتاي ئولىمپىك جەريانىدا يولغا قويماقچى بولغان ئاخبارات بەلگىلىمىسى راست بولسا، خىتاي مۇخبىرلىرىغىمۇ ئاخبارات ئەركىنلىكى بېرىلىشى كېرەك، دەپ ئەسكەرتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللىك مۇخبىرلارغا ئاخبارات ئەركىنلىكى بېرىلىدىغان يېڭى بەلگىلىمە چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن تىبەتنى زىيارەت قىلغان 2 چەتئەللىك مۇخبىرنى ئاگاھلاندۇرۇپ، تىبەت بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا رۇخسەتسىز بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.(ئەركىن)