ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ب د ت غا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئۈستىدە داۋاملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا يېڭى بىر قانۇن لايىھىسى ماقۇللاپ، مەزكۈر قانۇن لايىھىسىنى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى بېكىتتى.
14 سائەتكە يېقىن تالاش - تارتىش ۋە ھەر خىل ئىختىلاپلاردىن كېيىن ماقۇللانغان مەزكۇر قانۇن لايىھىسىگە، خىتاي تەرەپ ئەڭ كۆپ قارشىلىق بىلدۈردى.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يەنە، كۇبا بىلەن رۇسىيىنى ئالاھىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى قاتارىدىن ئېلىپ تاشلىدى.
47 دۆلەتنىڭ ئەزا بولۇشى بىلەن تەشكىللەنگەن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى، ئەسلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ.
خىتاي، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 3 دىن 2 سىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلغان دۆلەتلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بىراق ئەزا دۆلەتلەر، ئايرىم بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى تەكشۈرۈش قارارىنى ئاۋازغا قويۇش شۇنىڭدەك كېڭەشنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن تەكشۈرۈشنى باشلاش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
نۆۋەتتە شىمالىي كورىيە، كامبودژا ۋە سۇداننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 9 دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالاھىدە تەكشۈرۈش تىزىملىكىدىكى دۆلەتلەر قاتارىدىن يەر ئالماقتا. (ئەقىدە)