خەلقارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ خىتاينى" ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشتە بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ئاخبارات ساھەسىنى داۋاملىق باستۇرماقتا"دەپ ئەيىبلىدى ھەمدە خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتىنى بېيجىڭغا قارىتا ئاخبارات ساھەسىگە ئەركىنلىك بېرىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر 40 بەتلىك دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئولىمپىكقا بىر يىل قالغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ ، ئۆزىنىڭ ئولىمپىك جەريانىدا خەلقئارا ئاخباراتقا ئەركىنلىك بېرىش ۋەدىسىگە خىلاپ ھالدا چەتئەل مۇخبىرلىرىغا تەھدىت قىلىش، قورقۇتۇش ھەتتا قولغا ئېلىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ كەلمەكتە ، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئولىمپىك كومىتېتىغا قىلغان ئەھدىسى بۇيىچە يەنى 1 - ئاينىڭ1 - كۈنى ئېلان قىلىنغان ئاخبارات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قارارلىرىغا خىلاپ .
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ تەكىتلىشىچە ،كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەزكۇر دوكلات جەمئىي 36 نەپەر خىتاي ھەمدە چەتئەل مۇخبىرلىرىدىن 6 - ئايدىن باشلاپ ئىگىلىگەن تولۇق مەلۇماتلارغا ئاساسەن چىقىرىلغان .
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق خادىمى نىگولاس ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى مۇخبىرىغا " خىتاي ھۆكۈمىتى ئادەتتىكى مەتبۇئاتلار ، رادىئو - تېلېۋىزىيە ھەمدە ئىنتېرنېتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق ئاخبارات ۋاسىتىسىغا توسالغۇلۇق قىلىدۇ " دېگەن . ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، خىتاي مۇخبىرى بولسۇن ۋە ياكى چەتئەل مۇخبىرلىرى بولسۇن ئوخشاشلا مۇستەقىل ئاخبارات ئېلان قىلىشىنى چەكلەيدۇ شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتقان ئاتالمىش سەزگۈر مەسىلىلەر ئۈستىدىن زىيارەت قىلىش چەكلىنىدۇ .
نۆۋەتتە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى دۇنيا كۆڭۈل بۆلۇۋاتقان مەسىلە ئەمما ، كىشىلىك ھوقۇققا دائىر مەسىلىلەرنى ئاشكارىلاش خىتايدا تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇلىدۇ . مانا بۇ مەسىلىنىڭ تۈگۈنى . ئەگەر بۇ مەسىلىنى مۇلاھىزە قىلىش چەكلەنسە ئۇنى ھەل قىلىشتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. (گۈلچېھرە)