خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئەنگىلىيىنىڭ ئافرىقا، ئاسىيا ۋە ب د ت ئىشلىرى مىنستىرى ماللوك براۋن، خىتاي رەھبەرلىرىدىن كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ماللوك براۋن، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىدە " ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلىمىسا، بۇ كېلەر يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدۇ " دېگەن.
ماللوك براۋن، پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا،" خىتاي ھۆكۈمىتىگە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ناھايىتى مۇھىم قەدەملەرنى تاشلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسلىتىشىمىز كېرەك. خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىمدە، ئەگەر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى دېگەندەك بىر تەرەپ قىلىنمىسا، بۇنىڭ ئولىمپىك ۋە خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئېتىبارىغا قانداق تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم" دېدى.
ئۇ، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن، دارفۇر مەسىلىسىدە سۇدان ھۆكۈمىتىنى سۆھبەت ئۈستىلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، تەكىتلىدى. (ئۆمەر قانات)