دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ باش كومىسسارى بايانات ئېلان قىلدى


2007.12.10

دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى 1948- يىلى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، كېلەر يىلى مەزكۇر خىتابنامە ئېلان قىلىنغىنىغا 60 يىلى توشىدۇ.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ باش كومىسسارى لويئىسې ئاربۇر باياناتىدا: "بىز بۈگۈن پەقەت كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنىلا تەبرىكلەپلا قالماي، بەلكى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ 60 يىللىقى ئۈچۈن يەنە بىر يىلغا سوزۇلغان كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىنى باشلىۋەتتۇق" دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ يەنە بۈگۈنكى تەبرىكلەشتە، 1948 - يىلىدىن بۇيان دۇنيادىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ تۈپ ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنىمۇ تەبرىكلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئاربۇر باياناتىدا، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ مەركىزى نىشانى ھەققىدە توختىلىپ: "كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ۋە ئۇنىڭ جەۋھىرى قىممىتى بولسا، ئىنسانىي قەدىر- قىممەتكە ۋارىسلىق قىلىش، ھەق-ئادالەت، كەمسىتمەسلىك، باراۋەرلىك، ئادىللىقتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ مىزاننىڭ دۇنيانىڭ ھەر بىر بۇرجىكىدىكى ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن ھەر زامان، ھەر ماكاندا ئورتاق" ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ باياناتتا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا شەخسلەرنىڭ، تەشكىلاتلارنىڭ ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋەدىلەرنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقى، ھەتتا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مۇشۇ غايە ئۈچۈن قۇربان بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

باياناتتا يەنە، دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا زوراۋانلىق، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق، تۈرمىلەردە قىيناش ھەمدە باشقا شەكىلدىكى ئادالەتسىزلىك قىلمىشلىرىنىڭ يەنىلا مەۋجۇتلۇقى، ئۇنىڭدىن باشقا باي-كەمبەغەللىك ئارىسىدا بارغانچە كېڭىيىۋاتقان پەرق، زومىگەرلىك ۋە زومىگەرلىك قۇربانلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسىدا پۈتۈلگەن ھوقۇقلارنىڭ تېخىمۇ جاراڭلىق رەۋىشتە كۈچەيتىلىشى لازىملىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن قىلىشنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋەدىلەرنىڭ " يۈرىكىدىكى" ۋەدە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىپ، بۇ يىل داۋامىدا يەنە، دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى قوغداشتا پەقەت قانۇنغىلا تايىنىدىغان مۇھىت يارىتىش ئۈچۈن ۋە كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ ۋەدىلىرىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە كۆپلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدىغانلىقى تەكىتلەندى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.