كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يىللىق دوكلاتىدا خىتاينى ئەيىبلىدى
2008.01.31
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ سۆز قىلىش ئەركىنلىكى، ئايال - بالىلار ھوقۇقى قاتارلىق مەسىلىلىرى ئۈستىدە توختالدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، باياناتتا "گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى، ئۆزلىرىنىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرسە، كىشىلىك ھوقۇقنى چوقۇم ياخشىلايدىغانلىقى توغرىلىق ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئەمىليەتتە خەلقنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرىغىمۇ سەل قارىماقتا ۋە توسقۇنلۇق قىلماقتا " دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
باياناتتا ئېيتىلىشىچە، ئولىمپىك ئەسلىدە، خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنياغا خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھەقىقىي تۈردە ئېرىشكەنلىكىنى نامايەن قىلىدىغان تارىخى بىر پۇرسەت بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتلەر خىتاي رەھبەرلىرىگە ئولىمپىك شەرتلىرى ئاستىدا بېسىم ئىشلىتىپ، خەلقنى كىشىلىك ھوقۇققا ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلماقتا ئىكەن.
خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئىزچىل تۈردە تەكىتلەپ كېلىۋاتقان خەلقئارا تەشكىلاتلار قاتارىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ بار بولۇپ، مەزكۈر تەشكىلات، خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىنى بايقۇت قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى خىتايدىن تۈرمە ئىچىدىكى مۇخبىرلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىمىغا تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- خىتاينىڭ ئايال - بالىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش يىغىنى ئېچىلدى
- خىتاي 'شەھۋانىيلىققا قارشى تۇرۇش' دېگەن نام بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ
- خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۈنسېرى ناچارلاشماقتا
- گوللاندىيىدىكى ئولىمپىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدىكى يىغىن خىتاينى بىئارام قىلدى
- خىتاي ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ساھەسىدىكى تەنقىدىنى رەت قىلدى
- ياۋروپا پارلامېنتى خىتايدىن سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى بروۋىن خىتاي ۋە ھىندىستانغا قاراتقان زىيارىتىنى باشلىدى
- گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى دىققەتنى تارتتى