ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى كۆچمەنلەرنى كونترول قىلىش قانۇنى ماقۇللىدى


2005.02.11

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى پەيشەنبە كۈنى قانۇن لايىھىسى ماقۇللاپ، ھەر قايسى شتاتلارنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بېرىشىنى چەكلىدى شۇنداقلا سوتچىلارغا تېررورچى بولۇش ئىھتىماللىقى بار، دەپ گۇمانلانغان سىياسى پانالانغۇچىلارنى چىگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش ھوقۇقى بەردى.

قانۇن لايىھىسىگە ئاۋام پالاتاسىكى 261 ئەزا قوللاپ بىلەت تاشلىغان، 161 ئەزا قارشى چىققان. يېڭى قانۇن بويىچە قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە ئالاھىدە شوپۇرلۇق كىنىشكىسى تارقىتىلىدىكەن. لېكىن بۇ ئادەتتىكى شۇپۇرلۇق كىنىشكىسىگە ئوخشاش كۈچكە ئىگە ئەمەس بولۇپ، ئايرودۇرۇم شۇنداقلا فېدېرال ھۆكۈمەت بىنالىرىغا كىرىش-چىقىشتا سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان ھۆججەت بولالمايدۇ.

جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېررورچىلار 2001 - يىلدىكى 11 - سېنتەبىر ۋە قەسىدە بىخەتەرلىك ئۆتكەللىرىدىن ئۆتۈش شۇنداقلا ئايرۇپىلاننى گۆرۈگە ئېلىشتا ھازىرقى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئىشلەتكەن. ئامېرىكا دۇنيا بويىچە شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلىش ئەڭ ئاسان دۆلەت. 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن ئىلگىرى ئامېرىكىغا 6 ئايلىق ۋىزىسى بىلەن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشى مۇمكىن ئىدى. بىراق بۇ قېتىمقى قانۇن بۇ ئىمكانىيەتنى چەكلىدى. يېڭى قانۇن كۆچمەنلەر ئىدارىسى ۋە ئامانلىق دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا - مېكسىكا چىگرىسىغا سىم توساق ئورنىتىشىنى ماقۇللىغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.