شاڭخەيدىن ئۇچۇپ سان - فرانسىسكوغا قونغان ئايرۇپىلاندىن جەسەت تېپىلدى

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ سان - فرانسىسكو شەھىرىدىكى خەلقئارا ئايدۇرۇمنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرگۈچى خادىملىرى پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدىن ئۇچۇپ سان - فرانسىسكو شەھىرىگە قونغان ئامېرىكا بىرلەشمە ھاۋا يوللىرىغا تەۋە بىر يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنىڭ باش قىسىمىدىكى يۈك ئامبىرىدىن بىر خىتاينىڭ جەسىتىنى بايقىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ خىتاي پۇقراسى ئايرۇپىلان قوزغىلىشتىن بۇرۇن ئايرۇپىلاننىڭ باش قىسىمىدىكى يۈك ئامبىرىغا ئوغۇرلۇقچە كىرىۋالغان بولۇشى مۇمكىن.

خەۋەرلەردە ئۆلگۈچىنىڭ ئەركەك بولۇش ئىھتىمالى چوڭلىقىنى، لېكىن جەسەتنىڭ ئىسكىلىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغانلىقتىن ئۇنىڭ ئەركەك ياكى ئەمەسلىكىنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە ئەمەلدارلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا ، ئايرۇپىلاننىڭ باش قىسىمىدىكى جەسەت بايقالغان جاي، ئايرۇپىلان ئۇچقاندا ئوكسىگېندىن پۈتۈنلەي خالى بوشلۇققا ئايلىنىدىغان بولۇپ، تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۈۋەن 40 گرادۇسقا قەدەر چۈشىدىكەن. بۇ ئەھۋالدا بۇ جايغا يوشۇرۇنىۋالغان ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆلۈش ئېھتىمالى% 100 ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. (ئەركىن)