كولىن پوۋېل شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىنى زىيارەت قىلىدۇ


2004.10.17

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېل ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئىچىدە ياپونىيە، خىتاي ۋە جەنۇبىي كورىيەلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋىتى، رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. سۆھبەت تېمىسىنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىق، ئىراق مەسىلىسى ۋە شىمالى كورىيە يادرو قوراللىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدىكى 6 تەرەپ سۆھبىتىگە چېتىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورىيە ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى نېڭ ۋۇگۇي يېقىندا ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى رىچارد بوچېر، شىمالىي كورىيىنىڭ 6 تەرەپ سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىشنى خالىمايۋاتقانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا پيوڭياڭ، ئامېرىكا شىمالىي كورىيىگە بولغان دۈشمەنلىك مەيدانىدىن ۋاز كەچسە ئاندىن 6 تەرەپ سۆھبىتىگە قاتنىشىشنى ئويلىشىپ كۆرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.