ئامېرىكا دىپلوماتىك ئەمەلدارى خىتايدىكى زىيارىتىنى باشلىدى
2004.09.12
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەمېس كەللېينىڭ خىتايدىكى زىيارىتى, شىمالى كورىيىنىڭ خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان رياڭگاڭ رايونىدا قاتتىق پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشى بىلەن بىر كۈندە باشلاندى.
بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ، جەمېس كەلېينىڭ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ، رايون ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان . بىراق شىمالى كورىيە مەسىلىسى ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ مۇزاكىرە دائىرىسىگە كىرىدىغان - كىرمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان ئىدى .ياپونىيە تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، جەمېس كەللېي جۈمە كۈنى توكيۇدا ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن شىمالى كورىيە يادرو كرىزىسىنى ھەل قىلىش يولىدىكى 6 تەرەپ سۆھبىتى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان .
ئامما پيوڭياڭ ، جەنۇبىي كورىيە يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن بۇ ئاي ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 6 تەرەپ سۆھبىتىگە قىزىقمايدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن . چەتئەل ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ بۇ ئارىدا خەۋەر قىلىشىچە ، بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا شىمالى كورىيەنىڭ خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان رياڭگاڭ ئۆلكىسىدە قاتتىق پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن . جەنۇبىي كورىيە مەتبۇئاتلىرى، بۇ قېتىمقى پارتلاشنىڭ بۇ يىل 4 - ئايدا يۈز بەرگەن رۈنچۇڭ تۆمۈريول ئىستانسىسىدىكى پارتلاشتىن تېخىمۇ چوڭلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە . ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېلل ، پارتلاشنىڭ يادرو سىنىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق ئالامەت يوقلىقىنى بىلدۈردى . ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ، شىمالى كورىيەدىكى پارتىلاشقا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن . (ئەركىن)