شىمالى كورىيە يادرو قوراللاردىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى


2004.09.19

شىمالى كورىيە ھۆكۈمەت ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئالدىنقى كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، شىمالى كورىيە دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ شىمالى كورىيەگە قارىتىلغان سىياسىتى ئۆزگەرمىگىچە، پيوڭياڭنىڭ يادرو قوراللار پىلانىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

شىمالى كورىيە ھۆكۈمەت ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئامېرىكىنى جەنۇبىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللارنى تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانى مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللاندى دەپ تەنقىدلىگەن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ شىمالى كورىيە ھۆكۈمەت ئاخبارات ئاگېنتلىقىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، پيوڭياڭ دائىرىلىرى، ئەگەر ئامېرىكا شىمالى كورىيەگە قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە، پيوڭياڭ شىمالى كورىيە يادرو مەسىلىلىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان 6 دۆلەت سۆھبىتىنىڭ كېلەر قېتىمقى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلمايدۇ دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا 9 - ئاينىڭ ئاخىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان 6 تەرەپ سۆھبىتىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلۈشى ئىنتايىن قىيىنلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمى، نۆۋەتتە 6 تەرەپ سۆھبىتىنىڭ كونكىرىت كۈنتەرتىپى تېخى ئېنىق ئەمەسلىكىنى، چۈنكى شىمالى كورىيىنىڭ ھازىرغىچە ئېنىق جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شىمالى كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسى بويىچە 6 تەرەپ سۆھبىتىگە قاتنىشىدىغان دۆلەتلەر ئامېرىكا، روسىيە، خىتاي، ياپونىيە، جەنۇبىي ۋە شىمالى كورىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جەنۇبىي كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بان كى - مۇن، شىمالى كورىيە مەسىلىسى جەنۇبىي كورىيە پرىزدېنتى رو - مۇ- خيۇننىڭ دۈشەنبە كۈنى رۇسىيىگە قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەپ كۆرسەتتى. رو - مۇ - خيۇن يەكشەنبە كۈنى قازاقىستاننى زىيارەت قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.