شىمالىي كورىيىنىڭ 2 - نۇمۇرلۇق رەھبىرى كىم يۇڭنەم خىتاينى زىيارەت قىلدى


2004.10.18

شىمالىي كورىيىنىڭ ئىككىنچى نۇمۇرلۇق رەھبىرى، ئالىي خەلق پارلامېنتى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم يۇڭنەم دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭغا يىتىپ كېلىپ، خىتايغا قىلىدىغان ئۈچ كۈنلۈك دوستلۇق زىيارىتىنى باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شىمالىي كورىيىگە ئالتە تەرەپ سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىشكە بېسىم ئىشلىتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كىم يۇڭنەم زىيارىتى جەريانىدا خۇجىنتاۋ قاتارلىق خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن سودا ئالاقە ۋە شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ زىيارىتى ھەققىدىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىمىغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدىكى ئالتە تەرەپ سۆھبىتى ئۈچ قارار ئۆتكۈزۈلگەندىن كىيىن، شىمالىي كورىيە بۇ يىل 9 - ئايدا پىلانلانغان بېيجىڭدىكى تۆتىنچى قارار سۆھبەتكە قاتنىشىشنى رەت قىلغان. گەرچە شىمالىي كورىيە، جەنۇبىي كورىيىنىڭ تالاش - تارتىشتىكى يادرو تەتقىقات پروگراممىسىنى ئېلىپ بارغانلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيىگە دۈشمەنلىك پوزىتسىيىدە بولغانلىقى ئۈچۈن سۆھبەتكە قاتنىشىشنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئانالىزچىلار پيوڭياڭنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ئاياقلىشىشىنى كۈتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.