شىمالىي كورىيە ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ يادرو قوراللارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تۈنجى قېتىم ئېلان قىلدى ھەمدە شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدىكى ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە يېقىن كەلگۈسىدە قاتنىشىشنى رەت قىلدى.
شىمالىي كورىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كورىيە مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: "بىز بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورىيىنى يالغۇز قالدۇرۇش ۋە بوغۇشتەك دۈشمەن سىياسىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزىمىزنى قوغداش ئۈچۈن، يادرو قوراللارنى ئىشلەپچىقاردۇق" دەپ بىلدۈرگەن.
شىمالىي كورىيە دائىرىلىرى يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورىيىگە قاراتقان دۈشمەنلىك سىياسىتى سەۋەبىدىن، ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە قاتنىشىشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ قىلمىش، شىمالىي كورىيىنى خەلقئارادا تېخىمۇ يالغۇز قالدۇرىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئۇ سۆزىدە : "ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورىيىگە ھۇجۇم قىلىش نىيىتى يوق. بىز ئۇلارغا ئاللىقاچان يادرو قورال ياساش پىلانىدىن ۋاز كەچسە، كۆپ تەرەپلىمە بىخەتەرلىكىگە كاپالەت قىلىدىغانلىقىمىزنى يەتكۈزگەن" دېدى.
شىمالىي كورىيە يادرۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدىكى ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە قاتنىشىۋاتقان رۇسىيە، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيىمۇ، شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ باياناتىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئىپادىلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
شىمالىي كورىيە يادرو كرىزىسى 2002 - يىلى ئۆكتەبىردە پارتلىغان. ئامېرىكا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى شىمالىي كورىيىنىڭ خەلقئارا كېلىشىملەرگە خىلاپ ھالدا ئۇران چېكىلەش پروگراممىسىنى مەخپىي ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، شىمالىي كورىيىگە بېرىۋاتقان نېفىت ياردىمىنى توختىتىۋەتكەندىن كىيىن، شىمالىي كورىيە خەلقئارا يادرو قوراللارنى كېڭەيتمەسلىك كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققان ۋە يادرو پروگراممىسىنى باشلىغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا دائىرىلىرى ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە قاتنىشىۋاتقان ھەر قايسى دۆلەتلەر سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، كېيىنكى قەدەمدىكى پىلاننى مۇزاكىرە قىلىدىكەن. (ئارزۇ)