ئامېرىكا پرېزىدېنت ئىشخانىسى ئاق ساراي، جۈمە كۈنى شىمالى كورىيە بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى رەت قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ رايون خاراكتېرلىك 6 تەرەپ سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى شىمالى كورىيىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش ئەلچىسى ، ئامېرىكا بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ۋاشىنگتوننىڭ شىمالى كورىيىگە بولغان دۈشمەنلىكى ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى مىككلىلان، ئامېرىكىنىڭ 6 دۆلەت سۆھبەت رامكىسىنىڭ سىرتىدا شىمالى كورىيە بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مىككىلىلان مۇنداق دەيدۇ: " شىمالى كورىيىنىڭ 6 دۆلەت سۆھبىتى جەريانىدا بىز بىلەن بىۋاستە ئۇچرۇشىش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ. بۇنداق پۇرسەتلەر ئىلگىرىمۇ كۆپ ئۇچرىغان".
پيوڭياڭ پەيشەنبە كۈنى شىمالى كورىيىنى يادرو قوراللاردىن خالى قىلىش يولىدىكى 6 دۆلەت سۆھبىتىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلاپ، يادرو قوراللارغا ئىگىلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ شىمالى كورىيە دائىرىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم يادرو قوراللىرىغا ئىگىلىقىنى ئېلان قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
كۆزەتكۈچىلەر، پيوڭياڭنىڭ ھەرىكىتى شىمالى كورىيىنى خەلقئارادا تېخىمۇ يېتىم ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىشى مۈمكىن، دەپ قارىماقتا. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفىلد، شىمالى كورىيىنىڭ ھاكىمىيەت خاراكتىرىدىن ئالغاندا ئۇنىڭ يادرو قوراللارغا ئىگى بولۇشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)