خىتاي ھۆكۈمىتى شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدە كۈچەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى


2005.02.13

شىمالىي كورىيىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىتتىپاقدىشى بولغان خىتاي، پيوڭياڭنىڭ يادرو پروگراممىسىنى بىكار قىلىش يولىدىكى كۆپ تەرەپلىمە سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى.

ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى شىمالىي كورىيە ئۆزىنىڭ يادرو قورالغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە يادرو كىرىزىسىنى ھەل قىلىش يولىدا ئىككى كورىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، رۇسىيە ۋە خىتاي قاتنىشىۋاتقان ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كىيىن، ھەر قايسى تەرەپلەر، پيوڭياڭنى ئەڭ چوڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان خىتاينى شىمالىي كورىيىگە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ شەنبە كۈنى كەچتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىسقا تېلېفون قىلىپ، خىتاينىڭ ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن يېقىندىن ئالاقىلىشىپ، ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى پات ئارىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لى جاۋشىڭ يەنە، بېيجىڭنىڭ كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاندۇرۇشنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى پات ئارىدا پيوڭياڭغا ئەلچى ئەۋەتمەكچى ئىكەن.

بۇنىڭدىن سىرت، شىمالىي كورىيىگە ھېسداشلىق قىلىپ كېلىۋاتقان رۇسىيىنىڭ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگىي ئىۋانوفمۇ شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي كورىيىنىڭ ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدىن چېكىنىپ چىقىش قارارىنى "خاتا" دەپ ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئالدىدا، شىمالىي كورىيىنىڭ بىۋاستە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، كۆپ تەرەپلىمە سۆھبەتنىڭ شىمالىي كورىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان بىردىنبىر مۇۋاپىق يول ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.