جەنۇبىي كورىيە، شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قورالغا ئىگە ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدىكەن
2005.02.14
جەنۇبىي كورىيە دۈشەنبە كۈنى شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قورالغا ئىگە ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جەنۇبىي كورىيىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرى چۇڭ دوڭيۇڭ دۈشەنبە كۈنى دۆلەت پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ، "شىمالىي كورىيىنى ھازىردىن يادرو قورالغا ئىگە دۆلەت دەپ قاراش بەكلا بالدۇر. چۈنكى، شىمالىي كورىيە تېخى ئاتوم بومبىسى سىنىقى ئېلىپ بارمىدى"، دېدى.
شىمالىي كورىيە ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈنجى قېتىم ئۆزىنىڭ يادرو قورالغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدا جەنۇبىي كورىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
بىراق، چۇڭ دوڭيۇڭ سۆزىدە، ھازىرغىچە شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قورال ياسىغانلىقى ھەققىدە يەكۈن خاراكتېرلىك بىرەر ئىسپاتنىڭ يوقلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە پىيوڭياڭنىڭ بۇ باياناتنى ۋاشىنگتونغا بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلان قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتتى. ئەمما، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى، شىمالىي كورىيە ئاز دېگەندە بىر ئىككى دانىدىن سەككىز دانىغىچە يادرو قورالغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گەرچە شىمالىي كورىيە ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى رۇسىيىگە، بېيجىڭنىڭ يېڭى بىر قارار ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدە كۈچەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- ئامېرىكا، شىمالى كورىيە بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى رەت قىلدى
- شىمالىي كورىيە ئۆزىنىڭ يادرو قورالغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۈچ شىركىتىگە جازا بەردى
- خىتاي ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىشقا قارشى چىقتى
- ئىران، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشتا خىتاينىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى
- پۇتىن رۇسىيىنىڭ يېڭى تىپتىكى يادرو بومبا سېستىمىسى ياساۋاتقانلىقىنى ئېيتتى