خىتاي: ئالتە دۆلەت سۆھبىتىدە مۇقىمسىز ئامىللار شەكىللەندى


2005.12.20

خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىدىكى 6 دۆلەت سۆھبىتىدە بەزى مۇقىمسىز ئامىللارنىڭ مەۋجۇت بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي يەنە ھەر قايسى تەرەپنىڭ چوڭ ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، تېزدىن مۇۋاپىق ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىندا "شىمالىي كورىيە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى" بويىچە قارار ماقۇللاپ، شىمالىي كورىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

بۇ ھەقتە توختالغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ " خىتاي ئىزچىل تۈردە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ، باشقا دۆلەتكە بېسىم ئىشلىتىشكە ۋە سىياسىي قارشىلىق ئېلىپ بېرىشقا قارشى تۇرىدۇ. شۇڭا بىز ب د ت دىكى بۇ قارارغا قارشى ئاۋاز بەردۇق. بىز ھەر قايسى تەرەپنىڭ ئالاقە بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز" دېدى.

بۇ يىل 9‏-ئايدىن بۇيان شىمالىي كورىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى بىر قەدەر جىددىي ۋەزىيەتتە تۇرغان ئىدى. بولۇپمۇ يېقىندا ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كورىيىدىكى ئەلچىسىنىڭ شىمالىي كورىيىنى جىنايى ھاكىمىيەت دەپ ئاتىشى، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ يىرىكلەشتۈرگەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.