جەنۇبىي كورىيە تۇنجى قېتىم شىمالىي كورىيىگە بېرىلگەن جازا ھەققىدە توختالدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشى شىمالىي كورىيىگە قارشى ئىمبارگو ئېلان قىلىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، جەنۇبىي كورىيە تۇنجى قېتىم بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ مەزكۈر قارارى ھەققىدىكى كونكرېت قەدىمى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈردى.
جەنۇبىي كورىيىنىڭ ئىككى كورىيە مەسىلىلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لى جۇڭسوكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جەنۇبىي كورىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ، شىمالىي كورىيە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ساياھەت قىلىشىنى چەكلەش بەلگىلىمىسگە ئاساسەن، جەنۇبىي كورىيىگە كىرگەن شىمالىي كورىيە پاراخوتلىرىنى، دېڭىز تاموژنا قانۇنلىرى بۇيىچە قاتتىق تەكشۈرىدىكەن.
بىراق ، ھازىر ئىككى تەەرپ ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تۈرلىرى يولغا قويۇلغان بولۇپ، شىمالىي كورىيىدە قۇرۇلغان بىرلەشمە سانائەت گۇرۇپپىسى بىلەن ساياھەت رايونى جازالاش دائىرىسى ئىچىگە كىرمەيدىكەن.
جەنۇبىي كورىيە مەتبۇئاتلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان مەسىلىلەرنى قايتا ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
شىمالىي كورىيە تەرەپ چارشەنبە كۈنى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، "ئەگەر جەنۇبىي كورىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پيوڭياڭنى جازالاش ھەرىكىتىگە قاتناشسا، بۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ " دېدى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خوڭكوڭ شىمالى كورىيىنىڭ يۈك پاراخوتىنى تۇتۇپ قالغان
- ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش دىپلوماتىيىسى ئىزچىل داۋاملاشماقتا
- شىمالى كورىيە ب د ت نىڭ قارارىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ "جازالاش ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىق دەپ قارىلىدۇ" دېگەن
- بۇتان رەھبىرى شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى شىمالى كورىيە كىرىزىسى ئۈستىدە زىكرى قىلىشقا چاقىرغان
- خىتاي ھۆكۈمىتى، شىمالىي كورىيە چېگرىسىدىكى تاموژنىلاردا تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى باشلىۋەتتى