8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى شىمالىي كورىيە بىلەن جەنۇبىي كورىيىدىن ئىبارەت ئىككى كورىيە رەھبەرلىرى ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈشكە كېلىشتى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ سىئولدىن خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئىككى كورىيە ئوتتۇرىسىدا ، 1950 - 53 - يىللىرى يۈز بەرگەن ئۇرۇش توختىتىلغاندىن بۇيانقى ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىش بولۇپ قالىدۇ. بىرىنچى قېتىملىق ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشنى، 2000 - يىلىدا سابىق جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى، تىنچلىق نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن كىم دايجوڭ ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى كورىيە ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا رايونلاردا كۆپلىگەن سانائەت رايونلىرى بارلىققا كەلدى.
شىمالىي كورىيىنىڭ ئىشسىز قالغان ئەمگەك كۈچلىرى ئىشلەش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. شۇنداقلا 17 مىڭ ئادەم كۆرۈشمىگىلى يېرىم ئەسردىن ئاشقان ئۇرۇق -تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىش كېلىشىمى شىمالىي كورىيە ئاتوم قوراللىرىنى مەنئىي قىلىشى ئۈچۈن مۇرەسسەگە كەلگەن ۋە ئالتە تەرەپ سۆھبىتى كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالى رايونغا ئايلاندۇرۇش باسقۇچىغا قەدەم قويغاندا ۋۇجۇتقا چىقتى. شىمالىي كورىيىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى ئاتىسىدىن مىراس قالغان 65 ياشلىق كىم يوڭئېلمۇ بۇ كېلىشىمنى قوبۇل قىلدى. بۇ ئۇچرىشىش پات -ئارىدا شىمالىي كورىيىنىڭ پىنيوڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى. (ۋەلى)