جەنۇبىي كورىيە شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلار مەسىلىسىدە خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى


2005.10.10
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

جەنۇبىي كورىيە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا خىتايدا پانالىنىۋاتقان 7 نەپەر شىمالىي كورىيلىك مۇساپىرلارنى دۆلىتىگە قايتۇرۋەتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ سېيولدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلىتىگە قايتۇرۇلغان شىمالىي كورىيىلىك 2 ئەر 5 ئايال بۇ يىل 8 - ئايدا سەندوڭنىڭ يەنتەي شەھىرىدىكى بىر خەلقئارا مەكتەپكە قېچىپ كىرىپ پاناھلىق تىلىگەندىن كېيىن، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

ۋەقەدىن كېيىن جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، "جوڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىقىش قىلىپ، مۇساپىرلارنىڭ جەنۇبىي كورىيىگە كېتىشىگە يول قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز،" دەپ ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى مۇساپىرلارنى شىمالىي كورىيىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جەنۇبىي كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت خەلقئارا مىساپىرلار ئەھدىنامىسىغا قول قويغان دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ كەلدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.