تالىبانلار گۆرۈگە ئېلىنغان ئىككى نەپەر جەنۇبىي كورىيىلىك ئايالنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە
2007.08.11
ئافغانىستاندىكى تالىبان باياناتچىسى يۈسۈفئاخمەد شەنبە كۈنى، گۆرۈگە ئىلىنغان 21 نەپەر جەنۇبىي كورىيىلىك ئىچىدىكى 2 ئىككى ئايالنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تالىبان باياناتچىسى يۈسۈف ئاخمەد تېلېفۇن ئارقىلىق غەزنى ئۆلكىسىدىكى ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ مۇخبىرىغا، گۆرۆگە ئېلىنغان ئىككى نەپەر ئايالنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقى ئۈچۈن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، بۇ تالىبانلارنىڭ توغرا نىيىتىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
23 نەپەر جەنۇبىي كورىيىلىك ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى،غەزنى ئۆلكىسىدە گۆرۈگە ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى ئەر ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن ئىدى.
بۇ ئارىدا ئافغان ھۆكۈمەت خادىملىرى، گۆرۆگە ئېلىنغان ئىككى ئايالنىڭ ھەقىقەتەن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلمەيدىغانلىقىنى، ئىلگىرى تالىبان باياناتچىسى ئاخمەدنىڭ كۆپ قېتىم ساختا ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تالىبانلار ۋەكىللىرى ئىككى كۈندىن بۇيان ، جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن ئافغانىستاننىڭ قىزىل ھىلال جەمئىيىتىدە سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا، تالىبان تەرەپ مۇخبىرلارغا سۆھبەتنىڭ ناھايىتى ياخشى داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، گۆرۈگە ئېلىنغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، تالىبانلار يەنە، ئۆزلىرىنىڭ ئافغان ھۆكۈمىتىدىن تۈرمە ئىچىدىكى تالىبان جەڭچىلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى، بىراق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ تەلىۋىنى قوبۇل قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى تاپشۇرۇشى ھەققىدە پاكىستانغا بېسىم قىلماقتا
- گۆرۆگە ئېلىنغان جەنۇبىي كورىيىلىكلەرنى قۇتقۇزۇش مەسىلسىدە ئىلگىرىلەش بولمىدى
- پاكىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا 9 كىشى ئۆلدى
- تالىبانلار گۆرۈگە ئېلىنغان كورىيىلىكلەر مەسىلىسى ئۈستىدە كورىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلەشمەكچى
- ئەلقائىدىچىلەر پاكىستانغا ھۇجۇم قىلىش ھەققىدە 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ۋىدىئو خەۋىرى تارقاتتى
- تالىبانلار گۆرۈگە ئېلىنغان يەنە بىر كورىيىلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى
- تالىبانلار گۆرۈگە ئېلىنغان كورىيىلىكلەرنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- ئەسىرگە چۈشۈشكە رازى بولمىغان تالىبان كاتتىبېشى ئۆزىنى پارتلىتىۋالدى
- پرېزىدېنت مۇشەررەپنىڭ قيىنچىلىقى كۈنسىرى كۆپەيمەكتە