تالىبانلار بىلەن جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت داۋاملاشماقتا


2007.08.12

تالىبانلار تەرىپىدىن 19‏- ئىيۇل كۈنى ئافغانىستاندا گۆرۆگە ئېلىنغان 21 نەپەر جەنۇبىي كورىيە پۇقراسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن، ئافغانىستاننىڭ غەزنى شەھىرىدە جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن تالىبان ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ.

تالىبان رەھبەرلىرى 21 نەپەر جەنۇبىي كورىيە پۇقراسىنى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرمىدىكى 21 نەپەر تالىبان مەھبۇسىنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا. گەرچە ئافغانىستان ھۆكۈمىتى، تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىشىغا رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تۈرمىدىكى تالىبان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلماقتا. ئافغان ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق گۆرۈگە ئېلىنغانلارنىڭ مەسىلسىنى بىر تەرەپ قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

ئەمما سۆھبەتكە قاتنىشىۋاتقان ئىككى تالىبان ۋەكىلىنىڭ بىرى بولغان مۇللا قارى بەشىر شەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتنىڭ ناھايىتى ياخشى كىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ،"گۆرۆگە ئېلىنغانلار بۈگۈن ياكى ئەرتە قويۇپ بېرىلىشى مۇمكىن" دېگەن.

بۇ ئارىدا 2001‏- يىلى ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتى بىلەن ھاكىمىيىتى گۇمران بولغان تالىبانلار ۋەكىللىرىنىڭ ئافغانىستاننىڭ غەزنى شەھىرىدە جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن گۆرۆگە ئېلىنغان جەنۇبىي كورىيە پۇقرالىرى مەسىلسىدە سۆھبەتكە ئولتۇرغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ۋە كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئافغانىستان ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئورۇن ئېلىشى، نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان. بۇ خەۋەر ۋە كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئافغانىستان خەلقى ئارىسىدا يارىتىدىغان سەلبىي تەسىرىدىن ئەندىشىلەنگەن ھۆكۈمەت، يەكشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقان رايونغا كىرىشىنى ۋە تالىبان ۋەكىللىرىنى زىيارەت قىلىشىنى چەكلىدى. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.