31- ئاۋغۇست جۈمە كۈنى، تالىبان تۇتقۇنلۇقىدىن قويۇپ بېرىلگەن كورىيىلىك 19 نەپەر خرىستىئان مىسسىئونېرلىرى، ئالتە ھەپتىگە يېقىن داۋام قىلغان تۇتقۇندىكى ھاياتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدىن يولغا چىقتى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ئايروپىلاندا كابۇلدىن دۇبەيگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، يەرلىك بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر كورىيىلىكلەر شەنبە كۈنى ئەتىگەندە كورىيىگە قاراپ ئۇچۇپ كېتىدىكەن.
تالىبانلار بىلەن جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۈلھى كېلىشىملەرگە ئاساسەن، 29- ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنى، تالىبان قوراللىق كۈچلىرى گۆرۈگە ئېلىۋالغان19 نەپەر كورىيىلىكنىڭ 12 نەپىرىنى قويۇپ بەرگەن بولۇپ، چارشەنبە كۈنى تالىبان كوماندىرى قالغان يەتتە نەپەر كورىيىلىك تۇتقۇننى كەلگۈسى 48 سائەت ئىچىدە قويۇۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، تالىبان تەرەپ قالغان 7 نەپەر كورىيىلىكنى پەيشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن قويۇپ بەرگەن.
ئەسلىدە تالىبان تەرەپ 23 نەپەر كورىيىلىكنى بىر ۋاقىتتا گۆرۈگە ئېلىۋالغان بولۇپ بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى ئەرنى ئېتىپ تاشلىغان ۋە ئىككى ئايالنى بۇرۇنراق قويۇۋەتكەن. (جۈمە)