كىم جۇڭ ئىل، ۋۇيى باشچىلىغىدىكى خىتاي ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى
2005.10.09
شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جۇڭ ئىل، شىمالىي كورىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋۇ يى باشچىلىغىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى كىم جۇڭ ئىلغا، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ تەبرىكنامىسىنى يوللىدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋۇ يى بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە ئاساسلىقى شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىدىكى 6 دۆلەت سۆھبىتىنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىدە مۇزاكىرىلىشىدىكەن. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگەن ۋەكىللەر يەنە، شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقان ئەمەلدارلار، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋۇ داۋېي ۋە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرىكەن.
خىتاي ۋە شىمالىي كورىيە ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا يادرو مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان. شىمالىي كورىيە ئۆتكەن ئاي بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 6 دۆلەت سۆھبىتىدە، يادرو پروگراممىسىدىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە ياردىمىگە ئېرىشىشكە ماقۇل بولغان ئىدى. 5 - قېتىملىق 6 دۆلەت سۆھبىتى كېلەر ئاينىڭ باشلىرى يەنە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ھەر قايسى تەرەپلەرنى "بىرلەشمە بايانات" نى ئىجرا قىلىشقا دەۋەت قىلدى
- شىمالىي كورىيە يادرو قوراللاردىن ۋاز كېچىش ۋەدىسىگە يېڭى شەرت قوشتى
- شىمالىي كورىيە يېرىم ئارىلىدا تىنچلىقتىن ئۈمىد پەيدا بولدى
- شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىدى
- شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار سۆھبىتى تالاش تارتىشقا چۈشۈپ قالدى