كورىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق بىر نەپەر دىپلوماتى تاماقتىن زەھەرلىنىپ ئۆلدى

كورىيە كۈندىلىك گېزىتىنىڭ 2 - ئاۋغۇست خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە ، كورىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق بىر ئەلچىسى ، تالادىن تېز تاماق سېتىۋېلىپ يېگەندىن كېيىن ناھايىتى ئېغىر ئىچى سۈرۈپ ئاخىرى دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي جېنىدىن ئايرىلغان.

بۇ تاماقتىن زەھەرلىنىپ ئۆلۈش ھادىسىسى خىتاينىڭ ساختا مال زەھەرلىك يېمەكلىك سەتچىلىكى توغرىسىدا خەلقارا ئاخبارات ساھەسىدە كۆتۈرۈلگەن غۇلغۇلىنىڭ قايتا كۈچىيىشىگە سەۋەب بولدى.

كورىيە ئاخبارات ساھەسىنىڭ ئۆلگۈچى ھەققىدە بەرگەن خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىشىچە، 52 ياشلىق خۇۋاڭ جۇڭ ئېل كورىيىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانىسىدىكى بىر دىپلومات بولۇپ ،ئۇ ئۆتكەن شەنبە يەنى 28 ‏- ئىيۇل كۈنى كەچتە خىزمەتتىن يېنىپ كونسۇلخانا خىزمەت بىناسى ئەتراپىدىكى بىر يېمەكلىك دوكىنىدىن ساندىۋىچ سېتىۋېلىپ يېگەندىن كېيىن دەرھاللا ئىچى سۈرۈپ ساقسىز بولۇپ قالغان . ئەتىسى ئۇ ئەلچىخانا كوچىسىدىكى بىر شەخسى ئامبۇلاتورىيىگە كىرىپ ئاسما ئوكۇل ئۇرغۇزغان . ئەمما ئاسما ئوكۇل ئۇرغۇزۇپ 20 مىنۇت بولمايلا نەپىسى قىسىلىپ ئۆلگەن.

كورىيە دائىرىلىرى بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈشىگە بازاردىن سېتىۋالغان ساندىۋىچ ئەمەس ، شەخسى دوختۇرخانىدا ئۇنىڭغا ئىشلەتكەن ئاسما ئوكۇلنىڭمۇ سەۋەبچى بولغانلىقى گۇماندىن يىراق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ دىپلوماتنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى ئېنىقلاپ كورىيە دائىرىلىرىگە جاۋاب بېرىشنى ۋەدە قىلىپ جىددىي تەكشۈرۈۋاتقان ئىكەن.

يېقىندا ، بېيجىڭ تېلىۋېزىسىنىڭ بىر مۇخبىرى خەلقارا ئاخبارات ساھەسىگە خىتايدا ساختىپەزلەرنىڭ كاردون قەغەز مانتىسىنى ساتقانلىقىنى پاش قىلغاندىن كېيىن ، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر خەۋەرنى ساختا خەۋەر دەپ ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تاماقتىن زەھەرلىنىپ ئۆلۈش ۋەقەلىرىنىڭ خىتايدا داۋاملىق كۆرۈلۈشى كىشىلەردە خىتاينىڭ يېمەك ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن گۇمانلارنى پەيدا قىلماقتا. (گۈلچېھرە)