كورلا نەشپۈتى ئامېرىكىغا ئىكىسپورت قىلىنشقا باشلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورلا نەشپۈتى 9 ‏- ئاينىڭ 28 ‏- كۈنىدىن باشلاپ ئامېرىكىغا ئىكىسپورت قىلىنىشقا باشلىغان. كورلا نەشپۈتىنى ئىكىسپورت قىلىش ھەققىدىكى سۆھبەت 1993 ‏- يىلىدىن باشلاپ خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا 13 يىل داۋاملاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىغا قارايدىغان ھايۋاناتلارنى ۋە ئۈسۈملۈكلەرنى سالامەتلىك جەھەتتىن تەكشۈرۈش ئورگىنى يېقىندا خىتاينىڭ ئامېرىكىغا ئىكىسپورت قىلىدىغان ئۈسۈملۈكلەرنى تەكشۈرۈش -كارانتىن قىلىش ئورگىنىنىڭ پىلانىنى رەسمىي تەستىقلىغان.

يېقىندا ئامېرىكىغا ئىكىسپورت قىلىنىشقا باشلىغان بۇخىل نەشپۈت كورلىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى. كورلاشەھىرى دائىرىسىدە ھازىر 23 مىڭ 333 گېكتار يەردە نەشپۈتلىك باغ بار. ئۇنىڭ يىللىق مەھسۇلاتى تەخمىنەن 120 مىڭ توننىغا يېتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلار كورلا رايونىدا 1500 يىلدىن بۇيان نەشپۈت ئۆستۈرۈپ، ئۇنىڭ سورتىنى ئۆزلۈكسىز ياخشىلاپ، كورلا نەشپۈتىنى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىكى مىۋىلەر ئىچىدە پوستى نېپىز، شىرىن-شەربەتلىك، خۇش پۇراقلىق، تەمى تىلدىن كەتمەيدىغان ئەڭ مەشھۇر سورت قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىققان.

شىنجاڭ خەۋەر تورىدا بايان قىلىنىشىچە، كورلا نەشپۈتى ھازىر 2300 توننا نەشپۈت ساقلىيالايدىغان ئىسكىلاتى بار 'توپۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى شىركىتى' دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىتاي شىركىتى تەرىپىدىن ئىكىسپورت قىلىنىشقا باشلىغان. ئىكىسپورت قىلىنغان نەشپۈت كىرىمىنىڭ 25% ى كورلا دېھقانلىرىغا تەۋە بولىدىكەن.