ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، جۈمە كۈنى رۇسىيىنىڭ كوسوۋاغا قاراتقان سىياسىتىدىن ئەپسۇسلانغانلىقنى بىلدۈردى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئىرانغا قارىتا يولغا قويۇلۇشى پىلانلانغان يېڭى ئىمبارگو مەسىلسىدە، رۇسىيىنىڭ ماقۇللۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، كوسوۋا مەسىلسىدە رۇسىيىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرى نىكولاس برىنس، جۈمە كۈنى ۋاشىنگتوندا بەرگەن باياناتىدا، " مېنىڭچە رۇسلار كوسوۋا مەسىلسىدە پۈتۈنلەي سەلبىي بىر سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇلار كوسۋالىقلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىش قىلمىدى" دەپ كۆرسەتكەن.
غەرب دۆلەتلىرى ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىغانلىقىغا غەزەپلەنگەن سېرب توپىلاڭچىلار، پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىلگرادتىكى باش ئەلچىخانىلىرىگە ئوت قويۇپ بەرگەن. سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، سربلارنىڭ، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كوسوۋا مۇستەقىللىقىغا قاراتقان پوزىتسىيىدىن جاسارەتلەنگەنلىكىنى بايان قىلىشماقتا. ھەتتا، ئامېرىكىنىڭ سابىق ب د ت دىكى ۋەكىلى رىچارد ھالبۇرۇك، رۇسىيىنى، بىلگرادتتىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلەرنى تەشكىللىگەن ئەسەبىي مىللەتچى سربلارنى قوللاۋاتىدۇ دەپ، ئەيىبلىدى.
بۇ ئارىدا ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ كوسوۋادىكى ۋەكىلى پېتىر فېت، شەنبە كۈنى سېرب جامائىتىنى مەرت ۋە سەۋىرچان بولۇپ، رىئاللىقنى قوبۇل قىلىشقا ۋە كېلەچەكنى كۆزدە تۇتۇپ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىردى. (ئۆمەر قانات)