دۇنيا تىك-تاك توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە كوسوۋانىڭ بايرىقى لەپىلدەيدۇ


2008.02.25

يېڭىدىن مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان كوسوۋالىقلار دۆلەت بايرىقىنى تېخى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ۋە باشقا خەلقئارالىق سورۇنلاردا لەپىلدىتىشكە مۇيەسسەر بولالمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا ئۆتكۈزىلىدىغان دۇنيا تىك-تاك توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە مەيدانىغا ئېسىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

بۇ كوسوۋا 17- فېۋرال مۇستەقىللىق ئېلان قىلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ بايرىقىنى خەلقئارا سورۇنلاردا نامايەن قىلىشى بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كوسوۋا ئۈچۈن زور غەلىبە ھېسابلىنىدىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە،، بايراقنى كوسوۋانىڭ 6 كىشىلىك تىك-تاك توپچىلار كوماندىسى خىتايدا ئۆتكۈزىلىدىغان خەلقئارالىق مۇسابىقىگە ئېلىپ كېلىدىغان بولۇپ، بايراقنى كوسوۋا باش مىنىستىرى ھاشىم تاجى كوماندا ئەزالىرىغا تاپشۇرغان. ھاشىم تاجى : "بۇندىن كېيىن كوسوۋانىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى كوسوۋا جۇمھۇرىيىتىگە ۋاكالىتەن ھەر خىل دۇنياۋى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىدۇ" دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بەش نەپەر كوسوۋالىق ئالبانلار بۇ يىل خىتايدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىشىنى پىلان قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كوسوۋانىڭ دۆلەت بايرىقىنى مۇسابىقە مەيدانىغا ئېلىپ كىرىشىدە ئۈمىد ئانچە زور ئەمەس ئىكەن.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە، كوسوۋا ئالدى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاندىن ئولىمپىككە رەسىمىي دۆلەت سۈپىتىدە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدىكەن.

كوسوۋا سېربىيىنىڭ كونتروللۇقىدىكى مۇسۇلمانلار رايونى بولۇپ، سېربىيە ھۆكۈمىتى بۇ رايوندا ئېرقى كەمسىتىش ۋە باشقا سىياسىي زوراۋانلىقلارنى ئېلىپ بېرىپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىيىن، 1999- يىلى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرى سېربىيىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ سېربىيىنىڭ كوسوۋادا زوراۋانلىق قىلىۋاتقان ھۆكۈمىتىنى ۋە ئارمىيىسىنى كوسوۋادىن چېكىندۈرگەن ئىدى.

1999- يىلىدىن بۇيان كوسوۋادا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 16 مىڭ نەپەر تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى تۇرۇۋاتقان بولۇپ، كوسوۋا 17- فېۋرال مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ كوسوۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.