كوسوۋادا ب د ت تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىملىرى بىلەن سېربلار توقۇنۇشتى


2008.03.17

17 - مارت دۈشەنبە كۈنى ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى شىمالىي كوسوۋادا سېربلار ئىگىلىۋالغان سوتخانىغا باستۇرۇپ كىرىپ سوتخانىنى قايتۇرۇۋالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ جەرياندا ساقچىلار بىلەن سېربلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىن باشلاپ سېرب نامايىشچىلار ئالدىنقى ئايدا ئېلان قىلىنغان كوسوۋا مۇستەقىللىقىغا قارشىلىق بىلدۈرۈپ، كوسوۋانىڭ مىتروۋىكا شەھىرىگە جايلاشقان ب د ت باشقۇرۇشىدىكى بىر سوتخانىنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن، ب د ت ۋە ناتو تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىملىرى مەزكۇر سوتخانىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن سېربلار بىلەن توقۇنۇشقان ھەمدە توقۇنۇشتا ئاز دېگەندىمۇ 22 نەپەر تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىم ئەسكىرى ۋە 8 نەپەر ناتو ئەسكىرى يارىلانغان، لېكىن ئۆلۈم - يېتىم ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نامايىشچى سېربلار سوتخانا ئالدىغا يىغىلىپ ب د ت ۋە ناتو قىسىملىرىغا قارىتىپ ئوق چىقارغان ھەمدە گرانات ۋە تاش - كېسەك ئاتقان بولۇپ، تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىم ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ ئىنكاس قايتۇرغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشىچە، بۈگۈن ب د ت ۋە ناتو كوسوۋانىڭ پايتەختى پرىستىنادا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ شىمالىي كوسوۋادا يۈز بەرگەن " نامايىشچىلار ساقچىلارغا ئوت چىقارغان قانلىق زوراۋانلىقى " نى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۈشەنبە كۈنى كەچقۇرۇنغا يېقىن ب د ت قىسىملىرى مىتروۋىكا شەھىرىنىڭ سېربلار كونتروللۇقىدىكى قىسمىدىن خادىملىرىنى ياندۇرۇپ چىققان بولسىمۇ، ناتو قىسىملىرى يەنىلا بۇ رايوندا تەرتىپ ساقلاش ئۈچۈن قالدۇرۇلدى.

كوسوۋا 17 - فېۋرال مۇستەقىللىق جاكارلىغان بولۇپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كوسوۋادىكى سېربلار ھەر خىل شەكىلدە كوسوۋا مۇستەقىللىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.