سېربىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنى كوسوۋانى سۈنئىي ھەمرا دۆلىتى قىلىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ، دەپ ئەيىپلىدى
2007.08.15
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى بېلگرادتىن خەۋەر قىلىشىچە، سېربىيە ھۆكۈمىتى بۈگۈن ئامېرىكىنى "سېربىيىدىن ئايرىلىپ چىقىشنى ئويلاۋاتقان كوسوۋانى ئۆزىنىڭ سۈنئىي ھەمرا دۆلىتى قىلىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ" دەپ ئەيىپلىدى.
سېربىيىنىڭ كوسوۋاغا قويغان ھۆكۈمەت مىنىستىرى سلوبودان ساماردزىك ئامېرىكىغا قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن باياناتىدا "سېربىيىنىڭ جەنۇبىدىكى كوسوۋا ئۆلكىسىدە، ھازىر ئامېرىكا ۋە ناتونىڭ يەرلىك نوپۇسنىڭ % 90 نى تەشكىل قىلىدىغان 2 مىليون ئالباننى قوللاۋاتقانلىقى كوسوۋانىڭ بۆلۈنۈپ چىقىشى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ رول ئوينىماقتا" دەپ كۆرسەتكەن. (ۋەلى)
©
2007 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بۇش:" كوسوۋا چوقۇم مۇستەقىل بولۇشى كېرەك دەپ قارايمىز" دېدى
- پرېزىدېنت بۇش ئالبانىيىنى زىيارەت قىلدى
- ئادۋوكاتلار ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامودىكى بەزى مەھبۇسلارنى ئالبانىيىگە ئەۋەتكەنلىكىنى تەنقىد قىلدى
- كوسوۋا مەسىلىسى ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلار
- ئاختىسارى كوسوۋانى مۇستەقىل قىلىدىغان پىلانىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە سۇنماقچى
- كوسوۋوغا مۇستەقىللىق يولى كۆرۈندى
- خەلقئارا سوت يۇقىرى دەرىجىلىك سېربىيە ئەمەلدارلىرىنى سوتلاشقا باشلىدى
- كوساۋانىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى سۆھبەت ۋىئاننادا باشلاندى