بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى بېلگرادتىن خەۋەر قىلىشىچە، سېربىيە ھۆكۈمىتى بۈگۈن ئامېرىكىنى "سېربىيىدىن ئايرىلىپ چىقىشنى ئويلاۋاتقان كوسوۋانى ئۆزىنىڭ سۈنئىي ھەمرا دۆلىتى قىلىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ" دەپ ئەيىپلىدى.
سېربىيىنىڭ كوسوۋاغا قويغان ھۆكۈمەت مىنىستىرى سلوبودان ساماردزىك ئامېرىكىغا قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن باياناتىدا "سېربىيىنىڭ جەنۇبىدىكى كوسوۋا ئۆلكىسىدە، ھازىر ئامېرىكا ۋە ناتونىڭ يەرلىك نوپۇسنىڭ % 90 نى تەشكىل قىلىدىغان 2 مىليون ئالباننى قوللاۋاتقانلىقى كوسوۋانىڭ بۆلۈنۈپ چىقىشى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ رول ئوينىماقتا" دەپ كۆرسەتكەن. (ۋەلى)