كوسوۋا باش مىنىستىرى ھاشىم تاجى، كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىش مەسىلىسى "مۇشۇ بىر قانچە كۈنلۈك ئىش" بولۇپ قالغانلىقىنى جاكارلىدى. ھاشىم تاجى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىسارى جاۋىئېر سولانا بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارغا ئېلان قىلغان باياناتىدا " بىز يەنە بەزى تەرتىپلەرگە ھۆرمەت قىلىشىمىز ۋە بەزى پىكىرلەرنى ئېلىشىمىز كېرەك " دەيدۇ.
ھاشىم تاجىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كوسوۋا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا بىلەن ماسلىشىش ئاساسىدا مۇستەقىللىقىنى جاكارلايدىكەن. نۆۋەتتە كوسوۋا نام جەھەتتە يەنىلا سېربىيىنىڭ بىر قىسىمى بولسىمۇ، لىكىن 1999 - يىلدىن بېرى ب د ت نىڭ ھامىيلىقىدىكى رايون بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. سېربىيە دائىرىلىرى بولسا كوسوۋا مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرماقتا. كوسوۋا مۇستەقىللىقى بۇ نۆۋەتلىك سېربىيە پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ئاساسى كۈنتەرتىپىنى ئىگىلىگەن بولۇپ،- 2 باسقۇچلۇق بىلەت تاشلاش كېلەر ئايدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇستەقىللىق جاكارلاشنى سېربىيە پرېزىدېنت سايلىمىدىن كېيىن ئېلان قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ياۋروپا كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىق كۈنى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلىپ، بۇ سەزگۈر مەسىلىنى تەرەپلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى دىپلوماتىك يوللار بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى تەۋسىيە قىلدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر بولسا كوسوۋا رەھبەرلىرىنى يەرلىك قىسىملار كوسوۋادىكى ب د ت قوشۇنلىرىنىڭ خىزمىتىنى ئۆتكۈزۈۋالغىچە مۇستەقىللىق جاكارلىماسلىققا ئۈندىمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي بىلەن رۇسىيە كوسوۋانىڭ ئورنى مەسىلىسىدە چوقۇم سېربىيىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش كېرەك، دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇۋاتىدۇ. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، رۇسىيە بىلەن خىتاي كوسوۋا مۇستەقىللىقى چېچىنىيە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق تەلىپىنى قانۇنلاشتۇرۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.