سېربىيە ھۆكۈمىتى كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىغان دۆلەتلەرگە ئېتىراز بىلدۈردى


2008.02.19

خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ 19 - فېۋرال تارقاتقان ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سېربىيە ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرگە رەسمىي نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش، بۇ دۆلەتلەردىن دىپلوماتىيە ئەلچىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلغان.

سېربىيە ھۆكۈمىتى، 17 - فېۋرال كۈنى ئامېرىكا كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىنلا، ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەلگەندىن باشقا ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلغان ھەمدە كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى قانۇنسىز دەپ ئېلان ئىلغان ئىدى.

ئەمما كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشى، ئامېرىكىدىن باشقا يەنە، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قىزغىن قوللىشى ھەم ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. پولشا باش مىنىستىرى كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى تونۇش توغرىسىدا ھۆكۈمىتىگە تەكلىپ سۇنۇشنى ئېيتتى. دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى تونۇش توغرىسىدا جىددىي قارار قىلىنىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

سېربىيە پرېزىدېنتى دۈشەنبە كۈنى،ئورنى نيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىدە مەخسۇس بايانات بېرىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن جىددىي يىغىن چاقىرىپ "كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ" دەپ ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى.خىتاي بىلەن رۇسىيە بولسا سېربىيىنىڭ پىكرىنى قىزغىن قوللىغان. رۇسىيە تەرەپ ھەتتا"كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشى خەلقئارا مۇقىملىققا تەھدىت"دەپ كۆرسەتكەن.

رويېتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش ‏- قىلماسلىق مەسىلىسى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئىككى قۇتۇپقا ئايرىغان بولۇپ،رۇسىيە ۋە خىتايغا ئوخشاش ئۆز دۆلەت ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان شۇنىڭدەك مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى داۋام قىلىۋاتقان يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەر كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمىغاندىن سىرت، ئالاھىدە قارشى پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى كوسوۋا مۇستەقىللىقىنىڭ تەيۋەن، شەرقىي تۈركىستان ھەمدە تىبەت مۇستەقىلچىلىرىگە رىغبەتلەندۈرۈش سىگنالى بېرىپ قويۇشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.