بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىدە كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنماقتا
2007.04.04
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىكى يېپىق يىغىندا، كوسوۋانىڭ پەۋقۇلئادە ۋەكىلى ئاختىسارى ئوتتۇرىغا قويغان كوسوۋا مۇستەقىللىقى ھەققىدىكى پىلان مۇزاكىرە قىلىنىشقا باشلىغان. ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى بۇ جەرياندا يەنە، سېربىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىسىتىرى كاشتۇنىسا بىلەن كوسوۋا پرېزىدېنتى سرادىئونىڭ پىكرىنى ئاڭلىماقچى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ياۋروپا بىرلىكى بىلەن ئامېرىكا ئاختىسارى ئوتتۇرىغا قويغان كوسوۋا مۇستەقىللىقى پىلانىنى قوللايدۇ. ئەمما سېربىيىنىڭ ئىتتىپاقدېشى بولغان رۇسىيە بۇ پىلاننى قوللىمايدۇ. كوسوۋا ئالبانلىرى بولسا ھازىر كوسوۋا مۇستەقىل بولۇشقا شەرت ھازىرلىنىپ بولغانلىقىنى جاكارلاۋاتىدۇ. ئەمما سېربلار بۇنى بۆلگۈنچىلىك دەپ ئەيىبلىمەكتە. مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە، سېربىيىنىڭ كوسوۋادا ئېلىپ بارغان باستۇرۇش سىياسىتى 10 يىل داۋاملاشقاندىن كېيىن، كوسوۋا ئۇرۇشى باشلاندى. ئۇرۇشتىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كوسوۋانى 8 يىل باشقۇردى. بۇ جەرياندا ، كوسوۋا ئالبانلىرىنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى توختاپ قالمىدى. شۇڭلاشقا دۇنيا ھازىر بۇنىڭغا تەدبىر قوللىنىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. (ۋەلى)