سېربىيە پرېزىدېنتى كوسوۋا مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى


2008.02.10

سېربىيە پرېزىدېنتى تادىچ شەنبە كۈنى كوسوۋانى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر كوسوۋانىڭ بۇ ئايدا مۇستەقىللىق ئېلان قىلسا، توقۇنۇشلارنىڭ يۇقىرى كۆتىرىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سېربىيە پرېزىدېنتى سېربىيىنىڭ پارچىلىنىشىنى خالىمايدىغانلىقى، كوسوۋا مەسىلىسىدە قايتا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، سېربىيىنىڭ بۆلۈنۈشنى خالىمايدىغانلىقى، ئەگەر ئۇنداق بولسا، بۇنىڭ كۆپلىگەن توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

كۆزەتكۈچىلەر كوسوۋانىڭ 2-ئاينىڭ 17-كۈنى مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلغان بولۇپ، سېربىيە دائىرىلىرى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، جىددىيلەشكەن، گەرچە پرېزىدېنت تادىچ سېربىيىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرگۈزۈشنى ئارزۇ قىلىپ، غەربكە مايىل سىياسەت يۈرگۈزۈشكە تىرىشسىمۇ، لېكىن باشقا رادىكاللار پارتىيىسىگە ئوخشاشلا كوسوۋا مۇستەقىللىقىغە قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتمەكتە. ئەمما، ئامېرىكىنىڭ مەيدانى ئېنىق بولۇپ، كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى قەتئىي قوللىسىمۇ، بىراق رۇسىيە بۇنىڭغا ئىزچىل قارشى تۇرماقتا.

سېربىيە دائىرىلىرى ئەگەر كوسوۋا مۇستەقىللىق جاكارلىسا، كوسوۋا-سېربىيە مەسىلىسىنىڭ مۇرەككەپلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ھەتتا، رۇسىيىنىڭ "نەۋسرۇ" ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيىدىكى كازاك رۇسلىرىنىڭ ئاتامانلىرى يېقىندا پارلامېنتقا خەت تاپشۇرۇپ، كوسوۋا مۇستەقىللىق ئېلان قىلسا، ئۆزلىرىنىڭ سېربىيىگە ياردەم بېرىپ، كوسوۋانى باستۇرۇشقا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.