كوسوۋانىڭ سىياسىي تەقدىرىنى ئاخىرقى ھېسابتا ھەل قىلىش مەسىلىسى بويىچە كۆپ تەرەپلىمىلىك سۆھبەت دۈشەنبە كۈنى ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىئاننادا باشلاندى. كوسوۋا ھازىرغىچە قانۇنى جەھەتتە سېربىيە - قاراتاغ جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئۆلكىسى، دەپ قارالسىمۇ، ئەمما 1999 - يىلى NATO سېربىيە قوشۇنلىرىنى كوسوۋادىن قوغلاپ چىقارغاندىن بېرى، ب د ت كوسوۋانى ھىمايىسىگە ئېلىپ كەلمەكتە.
كوسوۋا نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى تەشكىل قىلىدىغان مۇسۇلمان ئالبانلار مۇستەقىل بولۇشنى ئۈمىد قىلماقتا. ئەمما سېربىيە كوسوۋالىق ئالبانلار مۇستەقىل بولسا بۇ يەردىكى سېربلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ ئەنسىرەيدىكەن. سۆھبەت باشلىنىشتىن بۇرۇن ب د ت نىڭ كوسوۋا مەسىلىسىنى كېلىشتۈرگۈچى ئەمەلدارى، " ھەر قانداق ھەل قىلىش لايىھىسى كوسوۋادىكى مۇتلەق كۆپچىلىك پۇقرالارنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك،' دەيدۇ.
ئەسلى سۆھبەت بۇ يىل 1 - ئايدا باشلانماقچى ئىدى. ئەمما سۆھبەت كوسوۋا پرېزىدېنتى ئىبراھىم رىگوۋانىڭ ۋاپاتى سەۋەبىدىن بۈگۈنگىچە كېچىكتۈرۈلگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كوسوۋالىق سېربلارنىڭ نەگە بېرىش - نەدە تۇرۇش مەسىلىسى سۆھبەتنىڭ مەركىزى تېمىسىنى ئىگىلىشى مۇمكىن. كوسوۋا نوپۇسىنىڭ 5 % نى ئىگىلەيدىغان سېربلار، 1999 - يىلدىكى ئۇرۇشتىن كېيىن NATO قىسىملىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا كوسوۋادىكى بەزى يېزا - كەنتلەرگە توپلاندى. ئەمما سېربلار مۇستەقىل كوسوۋادا ياشاشنى خالىمايدىكەن.
سېربىيىلىك تارىخچىلارنىڭ قارىشىچە، سېرب مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسلىق پەيدا بولۇش مەنبەلىرىدىن بىرى بولغان كوسوۋا، ئىلگىرى سېربىيىنىڭ بىر ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ئىدى. سېربىيە پرېزىدېنتى مىلوسىۋىچ دەۋرىدە كوسوۋا ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى بىكار قىلىنغان. 1999 - يىلى NATO قىسىملىرى سېربىيە قىسىملىرىنى بومباردىمان قىلىشتىن بۇرۇن، مىلوسىۋىچ ھۆكۈمىتى كوسوۋالىق ئالبانلار ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى. ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى سېربىيىگە يان بېسىپ، ھېچكىمنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئارىلىشالمايدىغانلىقىنى ئىما قىلغان ۋە " جۇڭگو سېربىيە ئەمەس " دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. (ئەركىن)