ئاختىسارى كوسوۋانى مۇستەقىل قىلىدىغان پىلانىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە سۇنماقچى
2007.02.12
ب د ت نىڭ كوسوۋا مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى مارتى ئاختىسارى كوسوۋانى مۇستەقىل بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇدىغان پىلانىنى كېلەر ئاي ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە سۇنماقچى.
2- ئاينىڭ باشلىرىدا فىنلاندىيىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ۋە ب د ت نىڭ كوسوۋا مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى ئاختىسارى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان پىلاندا، گەرچە كوسوۋا مۇستەقىل بىر دۆلەت دەپ ئاتالمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ پىلان مۇستەقىل بىر دۆلەت ئۈچۈن كېرەكلىك پۈتۈن شەرتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كوسوۋادىكى ئالبانلارنىڭ رەھبەرلىرى ئاختىسارى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىلاننى ئاللىقاچان قوبۇل قىلغان. لېكىن كوسوۋادىكى سىرب ۋەكىللىرى پىلاننى رەت قىلماقتا. سىرب ۋەكىللەر ئاخىرقى ئۈمىدىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولغان رۇسىيە بىلەن خىتايغا باغلىغان.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كوسوۋادىكى سىربلارنىڭ ۋەكىلى ليۇن كوجەن " رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ رازىلىقى بولماستىن ب د ت دە ھېچقانداق قارار قوبۇل قىلىنمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاختىسارى پىلانىنىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە سۇنۇلىدىغانلىقىدىن ئۇنچىلا ئەنسرىمەيمەن" دېگەن.
كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئاختىسارىئىنىڭ پىلانىنى 1999- يىلىدىن بېرى ب د ت تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان كوسوۋا ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق پىلان دەپ قارىماقتا. (قانات)