بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى بۈگۈن، 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ، كوسوۋانىڭ مۇستەقىل بولۇشى ياكى بولماسلىقىغا دائىر ئەمەلىي شەرت -شارائىتلارنى تەپسىلىي تەتقىق قىلىپ، ئۇنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ قوللاش ياكى قوللىماسلىق ھەققىدە ئاخىرقى قارار چىقىرىشتا پايدىلىنىشىغا سۇنۇش ئۈچۈن ياۋروپا بىرلىكىنىڭ بروسسېل شەھىرىگە كەلدى. ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەتقىقات پائالىيىتى بەش كۈن داۋام قىلىدىكەن.
كوسوۋانى 1999 - يىلىدىن بۇيان ب د ت ۋاكالىتەن ئىدارە قىلىپ كەلمەكتە. كوسوۋادىكى ئالبانلار سېربىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. كوسوۋانىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى قوللاش ياكى قوللىماسلىق ھەققىدە يېقىندا ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ئاۋاز بېرىلىدۇ.
ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىرلىكى ب د ت ۋەكىلى ئاختىسارىنىڭ پىلانىنى ، يەنى كوسوۋانىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا يول قويۇش پىلانىنى قوللايدۇ. ئەمما رۇسىيە ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە بۇ پىلاننى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە. ئەگەر بۇ قېتىم ب د ت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەتقىقاتى كۆپ دۆلەت ۋەكىللىرىنى قايىل قىلالىسا، كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقى ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن. ئۇنداق بولسا، سېربىيە كوسوۋادىن سېربلار ئۈچۈن يەر - زېمىن تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن. (ۋەلى)