كوسوۋالىقلار سايلام ئۆتكۈزدى
2007.11.18
شەنبە كۈنى مۇستەقىللىق داۋاسى قىلىۋاتقان كوسوۋالىقلار سايلام ئۆتكۈزۈپ، كوسوۋانىڭ سېربىيە جۇمھۇرىيىتىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل بولۇشىنى يەنە تەكىتلىدى.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، كوسوۋانىڭ ئاساسىي ئاھالىسى ھېسابلىنىدىغان ئالبانلار بىردەك ھالدا مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىپ، بۇ سايلامدا مۇستەقىللىقنى قوللىغۇچى پارتىيىگە ئاۋاز بەرگەن بولسىمۇ، بىراق كوسوۋادا ياشايدىغان سېربلار بۇنىڭغا قارشى چىققان ھەمدە ئىزچىل ھالدا كوسوۋانىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە. كوسوۋادا ياشايدىغان سېربىيىلىكلەر سايلامغا قاتناشمىغان.
تەخمىنەن بىر يېرىم مىليون نوپۇسلۇق ئالبانلار كوسوۋا ئۆلكىسىنىڭ 120 ئورۇنغا ئىگە يەرلىك پارلامېنتنى تەشكىللەش سالاھىيىتىگە ئىگە. بۇ قېتىم كوسوۋانىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرىۋاتقان چېكى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن بولۇپ، كوسوۋالىقلارنىڭ پارتىيىلىرى ئارىسىدا سايلام رىقابەت لىرى كۈچلۈك بولغان.
سايلامدا كوسوۋا دېموكراتىك پارتىيىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولۇپ، مەزكۇر پارتىيىنىڭ رەئىسى،يەنى سابىق كوسوۋا ئازادلىق قوشۇنىنىڭ قوماندانلىرىدىن بىرى ھاشىم ئەگەر ئۆزىنىڭ كوسوۋانىڭ باش مىنىستىرى بولسا، 12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن كېيىن كوسوۋانىڭ سېربىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چۈنكى، ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ كۈنى كوسوۋانىڭ كېلەچىكى ھەققىدىكى خۇلاسە دوكلاتنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە يوللايدۇ. بۇ قېتىمقى پارلامېنت سايلىمىغا كوسوۋادىكى 24 پارتىيە قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ 10 ئى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پارتىيىسى ئىكەن. كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى ھازىر پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان فاتمىر سەيدىمۇ ئىزچىل قوللىغان.
كوسوۋا 1999-يىلىدىن ئېتىبارەن ب د ت تەرىپىدىن ئايرىم ئىدارە قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ يەردە سېربىيە ھۆكۈمىتى مەۋجۇت ئەمەس. ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كوسوۋا مۇستەقىللىق لايىھىسىگە قوشۇلغان بولسىمۇ، بىراق سېربىيىنى قوللايدىغان رۇسىيە كوسوۋا مۇستەقىللىقىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رۇسىيە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمىگە ئەزا دۆلەتلەرگە ئەرزان باھادا قورال-ياراق سېتىپ بېرىدۇ
- ئىسپانىيىدىكى باسىك تەشكىلاتچىلىرى تۇتقۇن قىلىندى
- پاكىستان پرېزىدېنت سايلىمى لال مەسچىتىنىڭ كۆلەڭگۈسىدە قالدى
- سېربىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنى كوسوۋانى سۈنئىي ھەمرا دۆلىتى قىلىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ، دەپ ئەيىپلىدى
- ھېلارى بىلەن ئوباما خىتاي تاۋارلىرىدىن باج ئېلىش قانۇن تەكلىپ لايىھىسىنى قوللاش سېپىگە قېتىلدى
- بۇش:" كوسوۋا چوقۇم مۇستەقىل بولۇشى كېرەك دەپ قارايمىز" دېدى
- ئادۋوكاتلار ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامودىكى بەزى مەھبۇسلارنى ئالبانىيىگە ئەۋەتكەنلىكىنى تەنقىد قىلدى
- ب د ت نىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى كوسوۋانىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە ئىزلەنمەكتە
- بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىدە كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنماقتا
- كوسوۋا مەسىلىسى ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلار
- ئاختىسارى كوسوۋانى مۇستەقىل قىلىدىغان پىلانىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە سۇنماقچى