كوسوۋا ئالبانلىرى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق جاكارلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2007.12.11
10- دېكابىر كۈنى مىڭلىغان كىشى كوسوۋا پايتەختى پرىستىنادا نامايىش قىلىپ كوسوۋا مۇستەقىللىقى ئۈچۈن بېرىلگەن ۋەدىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ كوسوۋا رەھبەرلىرىگە بېسىم ئىشلەتتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كوسوۋانىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىدىغان ئاخىرقى چېكى 10- دېكابىر توشۇپ، كوسوۋانىڭ تەقدىرى توغرىسىدا ھېچقانداق بىر قارار ئېلىنمىغاندىن كىيىن، كوسوۋالىق ئالبانلار ئۆزلىرىنىڭ غەربتىكى قوللىغۇچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ سېربىيىدىن ئايرىلىپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق جاكارلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمما كوسوۋا ئالبانلىرىنىڭ بۇ خىل مەيدانىغا قارىتا رۇسىيە كوسوۋانىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئېلان قىلغان مۇستەقىللىقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زەنجىرسىمان ئىنكاس پەيدا قىلىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، رۇسىيە ۋە سېربىيەلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا قارىماي كوسوۋانى بىر ياۋروپا دۆلىتى دەپ تونۇيدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىپ كوسوۋا مۇستەقىللىقىنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ئاشكارىلىغان.
ئاۋسترالىيىدە چىقىدىغان نوپۇزلۇق گېزىت ئاۋسترالىيان گېزىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، كوسوۋانىڭ سېربىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باياناتچىسى ئىسكەندەر ھيسەنىي پرىستىنادا مۇنداق دېگەن: " بۈگۈندىن باشلاپ كوسوۋا ئۆزىنىڭ مۇھىم خەلقئارالىق شېرىكلىرى بىلەن كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئالىدىغان ئىككىنچى قەدىمى ھەققىدە سۆھبىتىنى باشلايدۇ " .
ئۇ يەنە: " كوسوۋا ۋە كوسوۋا خەلقى ئۆز كەلگۈسىنى روشەن بىلىشكە تەشنا . كوسوۋا ئاساسىي قانۇنى شۇ خىل روشەنلىكنى ئۇزۇنغا قالماي جاكارلايدۇ" دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى مىنىستىرلىرى 10 - دېكابىر بىلگىيىنىڭ برۇسسېل شەھىرىگە يىغىلىپ كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقى ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ناتو بالقان رايوندا زوراۋانلىقىنىڭ قايتىلىنىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- كوسوۋالىقلار سايلام ئۆتكۈزدى
- ئىسپانىيىدىكى باسىك تەشكىلاتچىلىرى تۇتقۇن قىلىندى
- سېربىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنى كوسوۋانى سۈنئىي ھەمرا دۆلىتى قىلىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ، دەپ ئەيىپلىدى
- بۇش:" كوسوۋا چوقۇم مۇستەقىل بولۇشى كېرەك دەپ قارايمىز" دېدى
- ئادۋوكاتلار ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامودىكى بەزى مەھبۇسلارنى ئالبانىيىگە ئەۋەتكەنلىكىنى تەنقىد قىلدى
- ب د ت نىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى كوسوۋانىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە ئىزلەنمەكتە
- بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىدە كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنماقتا
- كوسوۋا مەسىلىسى ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلار