رۇسىيە كوسوۋا مۇستەقىللىق مەسىلىسىدە غەرب ئەللىرىنى ئاگاھلاندۇردى


2007.12.17

مەلۇم بولۇشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشى مۇشۇ چارشەنبە كۈنى كوسوۋانىڭ كەلگۈسى مەسىلىسىدە ئىنتايىن مۇھىم بىر يىغىن چاقىرماقچى. مەزكۇر يىغىن يېقىنلىشىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، دۈشەنبە كۈنى رۇسىيە دائىرىلىرى كوسوۋا مەسىلىسىدە غەرب ئەللىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، كوسوۋاغا مۇستەقىللىق بېرىش " تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان كرىزىسلارنى" ۋە " جىددىي سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى" كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتىدا: "ئەگەر خەلقئارالىق قانۇن ئىجرا قىلىنمىسا، كوسوۋانىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان كرىزىسلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەتىرى ئاستىدا تۇرماقتا" دەپ كۆرسەتكەن ۋە كوسوۋانىڭ كەلگۈسى مەسىلىسى چوقۇم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنى بىخەتەرلىك كېڭىشى ئىچىدە بېكىتىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

باياناتتا خەلقئارا جەمئىيەت، كوسوۋا ئۆز ئالدىغا جاكارلايدىغان مۇستەقىللىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بارلىق ئاقىۋەتلەرنى يەنە بىر قېتىم تەپسىلىي دەڭسەپ كۆرۈشكە ۋە پرىستىنا بىلەن بېلگراد ئارىسىدا سۆھبەتنى كۈچەيتىشكە چاقىرغان.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، غەرب ئەللىرى ئەمەلدارلار ۋە مۇتەخەسسىسلىرى، كوسوۋا رەھبەرلىرىنىڭ كېلەر ئايدا مۇستەقىل بولۇش پىكرىنى جاكارلاپ، كېلەر يىلى مايدا غەربتىكى ئىتتىپاقداشلىرىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا تەرەپلەرنىڭ ماسلىشىش ئاساسىدا، سېربىيىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ چىقىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ھالبۇكى، سېربىيە كوسوۋانىڭ تارىختىن بۇيان سېربىيە زېمىنى دەپ قاراپ كوسوۋانىڭ مۇستەقىل بولۇش ئىدىيىسىگە كۈچلۈك قارشى تۇرماقتا.

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى قوشۇنلىرى سېربىيە ھۆكۈمىتى كوسوۋا ئالبانلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان ئىرقىي تازىلاشنى ئاياقلاشتۇرۇش ئۈچۈن 1999- يىلى سېربىيىنى بومباردىمان قىلىپ، سېربىيە ئارمىيىسىنى كوسوۋادىن چېكىندۈرگەندىن بۇيان، كوسوۋادا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قوشۇنلىرى تۇرۇپ كەلمە. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.