سېربلار بىلەن ئالبانلار كوسوۋانىڭ كېلەچەك ئورنى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكىگە كېلەلمەي، كوسوۋا مەسىلىسىنى كېلشتۈرۈشنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى 1 - دېكابىردا توشقاندىن بېرى، سېربىيە پارلامېنتى چارشەنبە كۈنى 1 - قېتىم كوسوۋا مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش مەقسىتىدە توپلاندى. كوسوۋا ئالبان ھاكىمىيىتى بولسا بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى بىر تەرەپلىمىلىك جاكارلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
كوسوۋا مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرۇۋاتقان سېربلار ، چارشەنبە كۈنكى يىغىندا كوسوۋا بىر تەرەپلىمىلىك مۇستەقىللىق جاكارلىسا بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلماقچى. شۇ كۈنى سېربىيە ھۆكۈمىتى بىر قانۇن تەكلىپ لايىھىسىنى پارلامېنتنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنغان بولۇپ، قانۇن لايىھىسىدە سېربىيە زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. پارلامېنتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سېربىيە پرېزىدېنتى بورىس تادىچ، كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەت قوبۇل قىلسا سېربىيىنىڭ كوسوۋادىكى غەيرى ئالبانلارنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى جاكارلىسا سېربىيە خەلقئارا سوت مەھكىمىلىرىگە كوسوۋا مۇستەقىللىقىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكى ئۈستىدە داۋا قىلىشى مۇمكىن. سېربىيە دائىرىلىرى يەنە كوسوۋا مۇستەقىللىق جاكارلىسا ئۇنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەر بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.
كوسوۋا مۇستەقىللىقى ب د ت دا رۇسىيە، خىتاي ۋە ئىرانلارنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراۋاتىدۇ. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيە كوسوۋا مۇستەقىل بولسا بۇنىڭ چېچەنلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق داۋاسىنى قانۇنلاشتۇرۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. (ئەركىن)