ياۋروپادىكى نوپۇزلۇق دۆلەتلەر كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا باشلىدى
2008.02.18
كوسوۋا ئالدىنقى كۈنى مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان دۆلەتلەر كۆپىيىشكە باشلىغان بولۇپ، رويتېرستا خەۋەر قىلىنىشىچە، 18- فېۋرال دۈشەنبە كۈنى، ياۋروپادىكى نوپۇزلۇق دۆلەتلەردىن ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاپ بايانات ئېلان قىلدى.
مەزكۇر بايانات، برۇسسېلدا ئېچىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قاتناشقان يىغىندا ئېلان قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر كوسوۋا رەھبەرلىرى باشقا دۆلەتلەردىن كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ 192 پارچە مەكتۇپ تەييارلاپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دۆلەتلەرگە ئەۋەتكەن.
سلوۋېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترىي رۇپېل ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانك- ۋالتېر ستەينمەيەر كوسوۋا مۇستەقىللىقنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ بىر مۇقەررەرلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ھازىر تانزانىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشمۇ دۈشەنبە كۈنى، كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە " بۇ كوسوۋالىقلار مانا ئەمدى مۇستەقىل بولدى" دېدى.
كوسوۋا سېربىيىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئاز سانلىق ئالبان مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، ئالبانلار مەزكۇر رايوندىكى 2 مىليون نوپۇسنىڭ 90 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
كوسوۋادا 1999- يىلىدىن بۇيان شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 16 مىڭ كىشىلىك تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى تۇرۇۋاتقان بولۇپ، كوسوۋا شۇندىن ئېتىبارەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ناتونىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، سېربىيە كوسوۋانى ئۆز تېررىتورىيىسىدىكى زېمىن دەپ قاراپ كېلىۋاتقان ئىدى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- سېربىيە پرېزىدېنتى كوسوۋا مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
- سېربىيىدە پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى
- كوسوۋا باش مىنىستىرى : مۇشۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە مۇستەقىللىق ئېلان قىلىمىز
- 10 يىل بۇرۇنقى "تېررورىست" بۈگۈن باش مىنىستىر
- سېربىيە پارلامېنتى كوسوۋا مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
- ئامېرىكا، تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش مەسىلسىدە رىفراندوم ئۆتكۈزۈش پىلانىنى تەنقىد قىلدى
- رۇسىيە كوسوۋا مۇستەقىللىق مەسىلىسىدە غەرب ئەللىرىنى ئاگاھلاندۇردى
- كوسوۋا ئالبانلىرى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق جاكارلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- ناتو بالقان رايوندا زوراۋانلىقىنىڭ قايتىلىنىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- كوسوۋالىقلار سايلام ئۆتكۈزدى
- ئىسپانىيىدىكى باسىك تەشكىلاتچىلىرى تۇتقۇن قىلىندى