خىتاي، كۇيزۇمىنىڭ ياسىكىنۇ بۇزرۇھگاھىنى زىيارەت قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلدى

مەتبۇئاتلاردا، ياپونىيە باش مىنىستىرى، كۇيزۇمىنىڭ 15 ‏- ئاۋغۇست كۈنى ياسىكىنۇ بۇزۇرگاھىنى زىيارەت قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارالغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، كۇيزۇمىنىڭ مەزكۇر زىيارەتنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى، بېيجىڭنىڭ ياپونىيە رەھبەرلىرىدىن، تارىخقا، خەلققە ۋە كەلگۈسىگە نىسبەتەن مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە كۈتىدىغانلىئىقنى بىلدۈردى.

ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا، كۇيزۇمىنىڭ بەلكىم 15 ‏- ئاۋغۇست كۈنى، يەنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى خاتىرلەش كۈنىدە ياسىكىنۇ بۇزۇرگاھىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بىراق كۇيزۇمى زىيارەت پىلانى ھەققىدە ئېنىق بىر ئىپادە بىلدۈرمىگەن ئىدى.

"ياسىكىنۇ بۇزۇرگاھى" غا ياپونىيە ئۇرۇش ئەسكەرلىرى كۆمۈلگەندىن سىرت، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى دەپ قارالغان بىر قىسىم ئەسكەرلەرمۇ كۆمۈلگەن.

كۇيزۇمى، 2001 ‏- يىلى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن بېرى، ياسىكىنۇ بۇزۇرگاھىنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلدى. ئۇنىڭ زىيارىتى، خىتاي بىلەن كورىيىنىڭ نارازلىقىنى قوزغاپ، ياپونىيىنىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان زىددىيەتلىرىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپكە ئايلانغان. خىتاي بىلەن كورىيە تەرەپنىڭ قارىشىچە، ياسىكىنۇ بۇزرۇھگاھى ياپونىيە ئۇرۇش تارىخىنى ئىجابىلەشتۇرۇش ھېسابلىنىدىكەن.

بىراق، كۇيزۇمى "ياسىكىنۇ بۇزۇرگاھىنى زىيارەت قىلىش، پەقەت تىنچلىق ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئىبادەت " دەپ كۆرسەتمەكتە. (قانات)