ياپونىيە باش مىنستىرىنىڭ ياسۇكونى بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلىشى خىتاي ۋە جەنۇبىي كورىيىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

خىتاي ۋە جەنۇبىي كورىيە، ياپونىيە باش مىنسىتىرى جۇنىھىرو كويزۇمىنىڭ توكيودىكى ياپونىيە ئۇرۇش قۇربانلىرى قەبرىستانلىقى يەنى ياسۇكونى بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. كويزۇمى خىتاي ۋە كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا قارىماي سەيشەنبە كۈنى ياسۇكونى بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلغان.

خىتاي ۋە جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمەتلىرى، بېيجىڭ ۋە سىيۇلدىكى ياپونىيە باش ئەلچىلىرىنى تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىغا چاقىرىتىپ، ياپونىيە ھۆكۆمىتىگە رەسمىي نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ۋە جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا ياپونىيىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان دۆلەتلەر، ياسۇكونى بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلىشنى، ياپونىيىنىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى ۋە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى تەقدىرلەش دەپ قارىماقتا.

لېكىن ياپونىيە باش مىنستىرى، 2 يېرىم مىليون ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى قۇربانى ھەمدە 14 ئۇرۇش جىنايەتچىسى كۆمۈلگەن ياسۇكونى بۇزرۇكگاھىنى ئۇرۇش قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلماقتا.

بەزى سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بىر يىلدىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان ياپونىيە باش مىنستىرى كويزۇمى، ياپونىيە تارىخىغا ۋەتەنپەرۋەر بىر باش مىنستىرى بولۇپ يېزىلىش ئۈچۈن خىتاي ۋە جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قارشى چىقىشىغا قارىماي ياسوكۇنى بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلغان. يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، ياپونىيە باش مىنستىرى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بويۇن ئېگىپ، ياسۇكونى بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلشىتىن ۋاز كەچسە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە باشقا تەلەپلەر بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى پەرەز قىلماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن ياپونىيىنىڭ بۇ مەسىلىدە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بېسىمىغا بويۇن ئەگمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇ زىيارەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. (قانات)