ياپونىيە باش ۋەزىرى كويزۇمى 28 - ئاۋغۇست كۈنى ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىنى قازاقىستاندىن باشلىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، كويزۇمى ئاستاناغا يېتىپ كېلىپ، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، قازاقىستان بىلەن ياپونىيىنىڭ سىياسىي، سودا-ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
ياپونىيە ئوتتۇرا ئاسىيادىن يىراق مەملىكەت بولسىمۇ، ئەمما يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان قىزىقىشىنى بارغانسېرى ئاشۇرغان. چۈنكى، ياپونىيىنىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجى كۈنسايىن ئاشقان بولۇپ، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ياپونىيىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېنېرگىيە ھەم يەر ئاستى-ئۈستى بايلىقلىرىغا ئەرىشىش ئىستراتېگىيىسىدە مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نۆۋەتتە، قازاقىستاندا بىر قانچە ياپون شىركەتلىرى پائالىيەتلەر ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.
كويزۇمى قازاقىستاندىن كېيىن ئۆزبەكىستاننى زىيارەت قىلماقچى ئىكەن. بۇ تارىختا ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ بىرىنچى قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيانى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.(ئۈمىدۋار)