ياپونىيە باش مىنىستىرى جۇنىشىرو كويزۇمى سەيشەنبە كۈنى كېلەر ھەپتە ياسىكونۇ بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلىپ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆلگەن قۇربانلارغا دۇئا - تىلاۋەت قىلىش توغرىسىدىكى ۋەدەم داۋاملىق كۈچگە ئىگە، دەپ كۆرسەتتى.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كويزۇمى 2001 - يىلى ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى تالاشقاندا ياسىكونۇ بۇزرۇكگاھىدىكى ئۇرۇش قۇربانلىرىنى باش مىنىستىرلىك سالاھىيىتىم بىلەن زىيارەت قىلىمەن، دەپ ۋەدە بەرگەن. شۇنىڭدىن بېرى كويزۇمى ياسىكونۇنى ھازىرغىچە 5 قېتىم زىيارەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ زىيارەت 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن باشقا كۈنلەرگە توغرا كەلدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا جوڭگو بىلەن جەنۇبىي كورىيە ياپونىيىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن، لېكىن كويزۇمى بۇ زىيارەتنى ئۇرۇشنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن دۇئا - تىلاۋەت قىلىشتۇر، دەپ ئاقلىماقتا.
ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 4 - ئايدا ياسىكونۇ بۇزرۇكگاھىنى مەخپىي زىيارەت قىلغان ياپونىيە ئىچكى كابېنت مىنىستىرى شىنزو ئابې، باش مىنىستىر كويزۇمىنىڭ 15 - ئاۋغۇست كۈنى ياسىكونۇنى زىيارەت قىلىش - قىلماسلىقى ئۇنىڭ ئاساسى قانۇندا بەلگىلەنگەن دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقى، دەپ كۆرسەتتى. شىنزۇ ئابې بۇ يىل 9 - ئايدا باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان كويزۇمىنىڭ ئورنىغا سايلىنىش مۈمكىنچىلىكى ئەڭ زور، دەپ قارىلىۋاتقان نامزاتلاردىن بىرى. (ئەركىن)
