ئامېرىكا ئارمىيىسى خىتاي - رۇسىيە ھەربىي مانېۋىرىنى دىققەت ئېتىبارى بىلەن كۆزىتىدۇ


2005.08.04

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسى 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان خىتاي - رۇسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنى دىققەت ئېتىبار بىلەن قىزىقىش ئىچىدە كۆزىتىدىكەن. ئامېرىكا ئارمىيىسى شتاب باشلىقلار بىرلەشمىسىنىڭ برىگادا گېنىرالى كارتېر خام ، ئامېرىكا تىنچ ئوكيان قىسىملىرىنىڭ مانېۋىرنى كۈزۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ " شۈبھىسىزكى بۇ يەردە تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەرقانداق نەرسە قىزىقىشىمىزنى قوزغايدۇ،" دېگەن.

خىتاي دائىرىلىرى مانىۋېرنىڭ مۇددىئاسى ھەربىي قىسىملار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، دەپ كۆرسەتمەكتە. خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سەندوڭ يېرىم ئارىلىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مانىۋېرغا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ تەخمىنەن 10،000 كىشىلىك قوشۇنى قاتنىشىدىكەن.

بۇ ئارىدا بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ سابىق ھەربىي ئەمەلدارى ئەرىك مىكۋادون، خىتاي گېنېرالى جۇ چىڭخۇنىڭ ئەگەر ئامېرىكا تەيۋەن ئۇرۇشىغا ئارىلاشسا يادرو قوراللار بىلەن زەربە بېرىمىز، دېگەن سۆزىدىن كېيىن، ئامېرىكا خىتاي يادرو قوراللار ئەسلىھەلىرىنى ئامېرىكا ئىنچىكلىك بىلەن كۆزۈتۈش ئاستىغا ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.